
ئايەتلەرنى ئوقۇڭلار ياكى تىڭشاڭلار.
20-باب
20شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئايالى ئون ئىككى شاگىرت ئىچىدىكى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ تۇرۇپ، بىر تەلىپى بارلىقىنى ئېيتتى.
21_ نېمە تەلىپىڭىز بار؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئايال ئۇنىڭغا:
_ قوبۇل قىلغايسىز، سىزنىڭ پادىشاھلىقىڭىزدا بۇ ئىككى ئوغلۇمدىن بىرى ئوڭ يېنىڭىزدا، بىرى سول يېنىڭىزدا ئولتۇرسۇن، _ دېدى.
22_ سىلەر نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى ئىچەلەمسىلەر؟ _ ئىچەلەيمىز، _ دېيىشتى ئۇلار.
23ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:
_ سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئازاب قەدىھىمگە ئورتاق بولىسىلەر. بىراق، ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس. ئاتام ئۇ ئورۇنلارنى كىملەرگە تەييارلىغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ.
24بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان باشقا ئون شاگىرت بۇ ئىككى قېرىندىشىدىن خاپا بولدى.25لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى:
_ سىلەرگە مەلۇم، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئەمىرلىرى ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىدۇ.
26بىراق، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمىسۇن. سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن.27كىم ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارنىڭ قۇلى بولسۇن.28ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.
ئوقۇپ ئۆتكەن ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى بىر-بىريڭلارغا سۆزلەپ بېرىڭلار. ئەگەر مەزمۇنىنى تولۇق چۈشەنىمىگەن بولساڭلار قايتىدىن ئوقۇشقا بولدۇ.
ئوقۇغان ئايەتلەرنى ياخشى چۈشەنگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى سۇئاللار ھەققىدە سۆھبەتلىشىڭلار.
Get Discovery Bible Studies on your phone
Discover copyright ©2015-2026 discoverapp.org
Uyghur scripture and recordings copyright ©2016 Discover App. Used with permission. All rights reserved